ئامېرىكا: كابۇلدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئافغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تۆلەم بېرىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋغۇستتا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 10 ئافغانىستانلىقنىڭ تۇغقانلىرىغا تۆلەم تۆلەشكە ۋەدە بەردى.

1720536
ئامېرىكا: كابۇلدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئافغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تۆلەم بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كۆچۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مىنىستىرلىق دائىرىسىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئائىلىلەرگە تۆلەم بېرىش قارارىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى كولىن كاھل بىلەن ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان زامىرى ئەھمەد ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا خەير-ساخاۋەت ئورگىنى (NEI) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ستېۋېن كۋون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا 29-ئاۋغۇست ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسىنى تاماملاشقا ئازلا قالغاندا كابۇل ئايرودرومىغا يېقىن جايدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، يەتتىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي ئون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانى گېنېرال كېننىت ماككېنزى ھۇجۇمنىڭ تولۇق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ۋە كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ماككېنزى 9-ئايدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر