ئافغانىستاندىكى بالىلار ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا

پايتەخت كابۇلدىكى ئىندىرا گەندى بالىلار دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان مەسئۇل دوختۇر مۇھەممەد ئەمىنشەرەفى كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالمايۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلەت تەۋەسىدە بالىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1719629
ئافغانىستاندىكى بالىلار ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى ئىندىرا گەندى بالىلار دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان مەسئۇل دوختۇر مۇھەممەد ئەمىن شەرەفى كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالمايۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلەت تەۋەسىدە بالىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ دوختۇرخانىدا ئونلارچە بالىنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماسلىقتىن دۇچار بولغان كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <<بۇ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى خەلقنىڭ ماددىي ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشىدۇر. كىشىلەر بالىلىرىنى باقالمايۋاتىدۇ. بالىلار يېتەرلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىچى سۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتىدۇ. بالىلاردىكى ئاچارچىلىق ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماسلىق ھالسىزلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ >> دېدى.

ئۇ دۆلەتتىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقلار سەۋەبىدىن ئىدارە-ئورگانلاردا خىزمەت قىدىغانلارنىڭ تەخمىنەن تۆت ئايدىن بۇيان مائاش ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: <<قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن كېسەللىكلەر كۆپىيىدۇ. كىشىلەر مائاشىنى ئالالمايۋاتىدۇ. ئىشسىزلىق ۋە كەمبەغەللىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بالىلار خەۋپ ئاستىدا. خەلقئارالىق جەمئىيەتلەردىن ئافغانىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز>> دېدى.

كابۇلدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بۇدخاق يېزىسىدا بەزى ئائىلىلەر بالىلىرىغا نان تېپىشتا قىينالماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل دۈشەنبە (2021-يىلى 11-ئۆكتەبىر) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: <<ئافغانىستاندىكى ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋەيران بولۇشنىڭ بوسۇغىسىغا يېتىپ كەلدى. نورۋېگىيە مۇساپىرلار كېڭىشىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇۋاپىق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، ئەڭ ئاز دېگەندە 1 مىليون بالا بۇ قىشنىڭ سوغۇقى ۋە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. قاراپ تۇرالمايمىز. دەرھال تېزلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك>> دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر