لاۋروۋ: رايون دۆلەتلىرى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خالىمايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1719780
لاۋروۋ: رايون دۆلەتلىرى ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا چاقىرىلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ  ئامېرىكانىڭ ئۆزبېكىستانغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىيىتى بارلىقى توغرسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنىلىرى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ: «ئۇلار بۇ خىل زىيارەتلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى مۇددىئاسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ، بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن سوراشنى تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن: «شۇنى تەكرارلايمەنكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دوستلىرىمىز بىزگە ئامېرىكا ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسلىرىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى رامكىسى ئىچىدە ئالاقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئالاقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ خىل ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر