ياۋروپا بىلەن تۈركىيە كۆچمەن ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى ئىلۋا يوھانسون، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ كۆچمەن ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1718793
ياۋروپا بىلەن تۈركىيە كۆچمەن ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلۋا يوھانسون پايتەخت ئەنقەرەدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

مىنىستىر سويلۇ بىلەن كۆچمەنلەر ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگ يىغىنى ئاچقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان يوھانسون، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى باشقۇرۇش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش، ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى نۇقتىسىدىن بۇ ئالاقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يوھانسون، تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «يىغىندا (سويلۇ بىلەن) ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان خىرىسلار ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان، ئەمما پەقەت ئۆزئارا ھەمكارلاشقاندىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېدى.

يوھانسون ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بارىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ %90 نىڭ كۆچمەن ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەتكەسچىلىك تورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە بۇ تورلارنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. تېخنىكىلىق سۆھبەت مېنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىمدىن كېيىن باشلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر