ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ بېنگال قولتۇقىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1718991
ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كيودو ئاگېنتلىقى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ھىندىستان تەشكىل قىلغان كۋود (Quad) ئىتتىپاقىنىڭ <<2021مالابار>> مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، مانېۋىرغا، ئامېرىكانىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك <<كارل ۋىنسون>> ئاۋىياماتكاسى، ئاۋستىرالىيەنىڭ بىر قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوتى، ھىندىستاننىڭ بىر قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە ياپونىيەنىڭ ئىككى پاراخوتى قاتناشقان.

ياپونىيە كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى كىخارا سەيجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مانېۋىرنىڭ تۆت دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بېنگال قولتۇقىدىكى بىرلەشمە مانېۋىر ئەتە (2021-يىلى 14-ئۆكتەبىر) گىچە داۋاملىشىدۇ. مالابار خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قارالدى.

بىرىنچى قېتىملىق مالابار مانېۋىرى 1992-يىلى ھىندىستان ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيە 2015-يىلى ئىشتىراك قىلغان ئىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر