رۇسىيە: ئافغانىستاندا تېررورچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش يوللىرى تاقىلىشى كېرەك

رۇسىيە ئافغانىستاندىكى تېررورچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى تېزدىن تاقاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1719116
رۇسىيە: ئافغانىستاندا تېررورچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش يوللىرى تاقىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ 17-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

سېرگېي لاۋروۋ، ئافغانىستاندىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچمەن ئېقىشىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز تېررورچىلار ۋە باشقا رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ مۇساپىرلار تونىغا ئورۇنۇپ جەنۇبىي چېگرادىن سىڭىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىمىزنى ئورتاقلىشىشنى خالايمىز. ئۇلارغا ھەر خىل ھەربىي مەھسۇلاتلار تەمىنلىنىۋاتقان قاناللار تېزدىن تاقىلىشى كېرەك» دېدى.

مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئافغانىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان لاۋروۋ، بۇ مەسىلىنىڭ ئۆتكەن ئاي تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلىدى.

تالىبان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىدىن كېيىن، يېڭىدىن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر