مېركېل ياۋروپاغا قانۇنسىز كۆچۈشكە تاقابىل تۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق رول ئويناۋاتقانلىقى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ياۋروپاغا قانۇنسىز كۆچۈشكە قارشى كۈرەشتە ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1718416
مېركېل ياۋروپاغا قانۇنسىز كۆچۈشكە تاقابىل تۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق رول ئويناۋاتقانلىقى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Jüdische Allgemeine»» گېزىتى، قۇددۇستىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلغان مېركېلنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجراتتى.

باش مىنىستىر مېركېل بۇ يەردە تۈركىيە توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «تۈركىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى —ناتو ئەزاسى تۈركىيە، ياۋروپاغا قانۇنسىز كۆچۈشكە قارشى تۇرۇشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئاساسلىق رول ئوينىماقتا. تۈركىيەنىڭ چوڭ نىشانلىرى بار ۋە مۇناسىۋەتلەردە نۇرغۇن ئۈمىدسىزلىكلەر كۆرۈلمەكتە. ئاساسلىق مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەلەر ئوخشىمىسىمۇ، يەنىلا ئەمەلىي كېلىشىملەرنى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆزئارا سۆھبەتلىششىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر