بىريۇسسېلدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا مىڭلارچە كىشى گلاسگوۋ رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن پىيادە يۈرۈدى.

1717754
بىريۇسسېلدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىريۇسسېلسدا شىمالىي پويىز ئىستانسىسىدا توپلانغان نامايىشىچىلار، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى جايلاشقان سچۇمەن (Schuman) رايونىدىن ئۆتۈپ سىنكونتېنىر (Cinquantenaire) باغچىسىغا قاراپ يۈرۈدى.

نامايىشچىلار 80 گە يېقىن ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى ئىنگىلىز، فىرانسۇز ۋە فلەمەنچە تىللىرىدا «يېشىل ئۆزگىرىش»، «مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئەمەس، ھەل قىلىش چارىسىنىڭ پارچىسى بولايلى»، «زېمىن ئانىمىزغا ھۆرمەت قىلايلى»، «ئۆزگىرىشنى خالايمىز، ئەمما كىلىماتتا ئەمەس»، «ۋاقتىمىز قالمىدى» دەپ شوئار توۋلىدى.

ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمىنىڭ 26-قېتىملىق كونفېرانسى 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن 12-نويابىرغىچە شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە، دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر