ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار سانى 43 كە يەتتى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيونىڭ شەرقىي شىمالىدا 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن 5.9 بال يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار سانى 43 كە يەتتى.

1717057
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار سانى 43 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، چىبا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 5.9 بال يەر تەۋرەشنىڭ يەرنىڭ 80 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ كېيىنكى بىر ھەپتە بويىچە داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاممىنى تاش چۈشۈش ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىگە قارىتا ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆلكىلەردىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار سانىنىڭ 43 كە يەتكەنلىكىنى؛ ئوت ۋە ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، سائىتامادا بىر، چىبادا بىر يارىلانغۇچىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر