ستاففورد شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارغا قارشى تاشلىغان خاتا قەدەمنىڭ بەدىلىنى تۆلىدى

ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارغا قارشى تاشلىغان خاتا قەدەمنىڭ بەدىلىنى تۆلىدى.

1717098
ستاففورد شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارغا قارشى تاشلىغان خاتا قەدەمنىڭ بەدىلىنى تۆلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ سېتىۋالغان يېرىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى قۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قائىدىگە خىلاپ ھالدا بەلگىلىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈر ئىگىسى تەشكىلاتىغا 500 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.

ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ ستاففورد شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشىغا قارىماي «بارلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى (AMAA)» نىڭ سېتىۋالغان يېرىگە قەبرىستانلىق قۇرۇشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن بەلگىلىمىنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىشىدىن كېيىن تۈر ئىگىسى ئىسلام تەشكىلاتى ھۆكۈمەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تەيىنلەنگەن ستاففورد ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق «بارلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى»نىڭ تەلىپىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بېكىتتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىگە تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە «دىنىي كەمسىتىش» دەپ باھا بەردى.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم نەتىجىسىدە، ستاففورد شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىسلامىي جەمئىيەتكە قەبرىستانلىق ئىجازەتنامىسى بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى ۋە تۈر ئۈچۈن 500 مىڭ دوللار تۆلەشنى تەستىقلىدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «بارلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى» سۇنغان دەۋادا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق ۋە سوت ھەققى ئۈچۈن 390 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

جەمئىيەتنىڭ دىرېكتورى موسادداق چۇغتاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بارلىق دىنلاردىكىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئېتىقادىغا ئۇيغۇن دەپنە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قىيىنچىلىقنىڭ ئارقىدا قالغان بولۇشىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا قۇرۇلۇشنى باشلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز، ئېتىقادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق كىشىلەرنىڭ ستاففوردتا ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر