ياپونىيە بىلەن رۇسىيە پۈتۈشتى

ياپونىيە رۇسىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1716756
ياپونىيە بىلەن رۇسىيە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېلېفون سۆھبىتىدە، پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوككايدونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۇرىل رايونىغا جايلاشقان رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى 4 ئارالنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزئارا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان كىشىدا، پۇتىننىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكياننى ئوخوتسك دېڭىزىدىن ئايرىيدىغان  ۋە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1300 كىلومېتىر كېلىدىغان كۇرىل ئارىلىنى 1945-يىلى بېسىۋالغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ كۇرىل ئارىلىنى بېسىۋېلىشىدىن كېيىن، ياپونىيە تەرىپىدىن «شىمالىي رايونلار» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىن پارچىسى مەسىلىسىدىكى كېلىشمەسلىك سەۋەبىدىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش سۆھبەتلىرىدە، تەرەپلەر ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالماي كەلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر