ب د ت تۈركىيەدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

1716046
ب د ت تۈركىيەدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، بارلىق دۆلەتلەر كېلىشىمدىكى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا تىرىشچانلىقلارنى ئاشۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا، 20 – گ گۇرۇھى ئەللىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشكە باشلامچىلىق قىلىشى لازىم.»

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، پارىژ كىلىمات كېلىشىمى دائىرىسىدە، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى 2 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى 2050-يىلغىچە نۆلگە چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى تەستىقلاش قانۇن لايىھەسى، تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ماقۇللانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر