تۇنىستا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۇنىسنىڭ غابس ۋىلايىتىدە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئۈچ ئەسكەر قازا قىلدى.

1715414
تۇنىستا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد زەكرى، ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى غابس ۋىلايىتىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى؛ ۋەقەدە ئۈچ ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن نەق مەيدانغا ھەربىي تېخنىكا ئەترىتىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى زەكرى، ۋەقەنىڭ بۈگۈن كېچە ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر