ياپونىيەدە باش ۋەزىر فۇمىئو كابىنېتى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

ياپونىيەدە پارلامېنت يىغىنىدا دۆلەتنىڭ 100-باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغان ۋە كابىنېتى بىلەن بىرلىكتە رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان كىشىدا فۇمىئو ئىقتىسادنى «ياخشىلايدىغانلىقى» توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

1714745
ياپونىيەدە باش ۋەزىر فۇمىئو كابىنېتى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر كىشىدا فۇمىئو، پايتەخت توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋەزىپە تاپشۇرغان كابىنېتى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپلىرىنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادىي پىلان لايىھەسى سۇنۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز بۇ پىلان لايىھەسىگە ماسلىشىپ ماسلاشمايدىغانلىقىنى قارارلاشتۇرتۇرۇشى لازىم.»

خىتاينىڭ رايونلۇق پائالىيەتلىرى ئالدىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان كىشىدا، مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ھازىرقى ھالەتنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىلىشىگە قارشى تۇرىدۇ.»

ئۇ، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ياپونىيە پۇقرالىرى مەسىلىسىنى «كۈن تەرتىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى» دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: « (ياپونىيە پۇقرالىرى) نى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز، مەن بۇ ھەقتە (شىمالىي كورېيە رەھبىرى) كىم جوڭئۇن بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز كۆرۈشۈشكە تەييارمەن.»

ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇخىتو تەرىپىدىن ئىمپېرىيە سارىيىدا قوبۇل قىلىنغان كىشىدا كابىنېتى، رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر