ھىندىستاندا دېھقانلار نامايىشىدا 8 كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدە، دېھقانلارنىڭ يېڭى دېھقانچىلىق قانۇنىغا قارشى نارازلىق نامايىشىدا 8 كىشى قازا قىلدى.

1714412
ھىندىستاندا دېھقانلار نامايىشىدا 8 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى دېھقانچىلىق قانۇنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان دېھقانلار ئۆلكىگە قاراشلىق لاخىمپۇر كېرى رايونىغا يىغىلىپ، مىنىستىرلارنىڭ رايوندىكى زىيارىتىگە نارازلىق بىلدۈردى.

ئەنگىلىيەنىڭ مېدىيا ئورگىنى «BBC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېھقانلار ئويۇشمىلىرى زىيارەت جەريانىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاجاي مىشرانىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئىچىدىن بىر ئاپتوموبىلنىڭ يول بويىدىكى دېھقانلارنى باسماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لاخىمپۇر كېرى ساقچى مۇپەتتىشى ئارۇن كۇمار سىنگ ئېلان قىلغان باياناتىدا، 4 دېھقاننى قوشقاندا جەمئىي 8 كىشىنىڭ ۋەقەدە قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسى باش مىنىستىرى يوگى ئادىتيانات تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەدىن ئازابلانغانلىقىنى  بىلدۈرۈپ، تەكشۈرۈشنى باشلاشقا ۋە جاۋابكارلارنى جازالاشقا  ۋەدە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2020 - يىلى سىنتەبىردە يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن شۇنداقلا ئاساسىي باھا ۋە سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان 3 بەلگىلىمە چىقارغان ئىدى.

دېھقانلار بۇ يېڭى يېزا ئىگىلىك قانۇنىنىڭ كىرىمىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، ۋاسىتىچى شىركەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا دېھقانلارنى يەرسىز قالدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر