ئۇكرائىنا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ۋىلادىمىر زېلېنسكىيجۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن رۇسىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ قويۇلۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1713114
ئۇكرائىنا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن، رۇسىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ قويۇلۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۇلېبا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، زېلېنسكىي بىلەن ئەردوغاننىڭ 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا كەڭ دائىرىلىك ئۇزۇن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى؛ يىغىن جەريانىدا زېلېنسكىينىڭ ئەردوغانغا قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەرىمان جالال قاتارلىق 450 ئۇكرائىنالىق مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىندىن ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كۇلېبا، ئۇكرائىنالىقلارنى رۇسىيە تۈرمىلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشلىرى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر