«پەلەستىن تىرىشىش گۇرۇپپىلىرى ئىسرائىلىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ»

پەلەستىن تىركىشىش گۇرۇپپىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ھۇجۇملىرىغا «تېگىشلىك جاۋاب» قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1713161
«پەلەستىن تىرىشىش گۇرۇپپىلىرى ئىسرائىلىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ھەرىكەت ئۇيۇشمىسى، تۈنۈگۈن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن 3 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت قىلىنىشى توغرۇلۇق  ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، تىركىشىش كۈچلىرىنىڭ پۈتكۈل پەلەستىندىكى ۋەقەلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى دۈشمەنلىكى ۋە بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان جىنايەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىن تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، قايتۇرۇلىدىغان جاۋابلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققۇسى زەنجىرسىمان ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ يەنە ئىسرائىلىيە بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ھەددىدىن ئاشقانلىقى، يېقىنقى كۈنلەردە قۇددۇس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر