ئامېرىكا ساختا دورىلار ​​توغرىسىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

ئامېرىكادا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىلىرىدا كەڭ تارقالغان ساختا دورىلار ​​توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

1712107
ئامېرىكا ساختا دورىلار ​​توغرىسىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىكنى ​​چەكلەش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتا، بۇ دورىلارنىڭ تەركىبىدە فانتانىل ۋە مېتافېتامىن قاتارلىق ئەجەللىك ماددىلارنىڭ بارلىقىن بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاممىنى تور بەتلەردىن رېتسېپلىق دورىلارنى سېتىۋالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

زەھەرلىك چېكىملىكنى ​​چەكلەش ئىدارىسى (DEA) دىرېكتورى ئاننى مىلگرام، «خەتەرلىك ۋە ھەددىدىن زىيادە خۇمار قىلىدىغان، خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساختا دورىلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەجەللىك ۋە تېخىمۇ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى» دېدى.

زەھەرلىك چېكىملىكنى ​​چەكلەش ئىدارىسى (DEA) نىڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بەش ساختا دورىدىن ئىككىسنىڭ تەركىبىدە يوشۇرۇن ئەجەللىك ماددىلار بار ئىكەن.

ئامېرىكىدا زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى 93 مىڭغا يېتىپ،  تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارات بولۇپ، بۇ 2015-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن.

بۇ يىل ھازىرغا قەدەر 9 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ساختا دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ سان يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ.

ساختا دورىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مېكسىكىدا ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر