تالىبان زاھىر شاھنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى قىلىدىغان بولدى

تالىبان سابىق پادىشاھ مۇھەممەد زاھىر شاھنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئافغانىستاندىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1712252
تالىبان زاھىر شاھنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇل ھاكىم شەرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سابىق پادىشاھ مۇھەممەد زاھىر شاھ دەۋرىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ شەرىئەت ۋە تالىبان پرىنسىپىغا زىت كەلمەيدىغان ماددىلىرىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرىئەت ۋە تالىباننىڭ پرىنسىپىغا خىلاپلىق كەلمەيدىغان خەلقئارالىق قانۇنلارغىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئابدۇل ھاكىم شەرى، تالىباننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئابدۇل ھاكىم شەرى ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىلىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئافغانىستاندا 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن تاكى 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تەختتىن چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ مۇھەممەد زاھىر شاھ 18-ئەسىردە دۇررانى ئىمپېرىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھ ئىدى.

پادىشاھ زاھىر شاھ دەۋرىدىكى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى 11 باب ۋە 128 ماددىدىن تەركىب تاپىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي قانۇن 2001-يىلى تالىبان ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىمۇ يولغا قويۇلغان ئىدى.

1964-يىلدىن 1973-يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولغان ئافغانىستان دۆلەت ئاساسىي قانۇنى دۆلەتنىڭ پادىشاھلىق تۈزىمى دەپمۇ بىلىنىدۇ.

بارلىق ھوقۇقلارنى پادىشاھقا مەركەزلەشتۈرگەن بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ تالىبان رەھبىرى ھىبېتۇللاھ ئاخۇنزادەنىڭ ئەھۋالىغا قانداق ماسلاشتۇرىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر