يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

يەمەننىڭ مەغرىب ۋە شەبۋە شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 67 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1711423
يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ مەغرىب ۋە شەبۋە شەھەرلىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھاۋادىن ياردەم بەرگەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش  يۈز بەردى،  توقۇنۇشتا، 58 ھۇسىي ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  67 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

يەمەندە، بىر كۈن ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ھۇسىيلارغا قارشى 20 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەغرىب شەھىرى، يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قەلئەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، شەھەردە، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر