ئامېرىكادا جىنايى قىلمىشلارنىڭ نىسبىتى %30 ئاشتى

ئامېرىكادىكى «شەخسىي قوراللارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى» بۇ دۆلەتتىكى قاتىللىق نىسبىتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

1711500
ئامېرىكادا جىنايى قىلمىشلارنىڭ نىسبىتى %30 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى — FBI  نىڭ 2020-يىللىق فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئىستاتىستىكا دوكلاتىغا قارىغاندا، 2020-يىلى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قاتىللىق جىنايەتلىرى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %30 ئېشىپ، ھازىرغىچە تىزىمغا ئېلىنغان جىنايەت خاتىرىلىرىدىكى ئەڭ تېز ئېشىش كۆرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئوخشاش مەزگىلدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى نىسبىتىنىڭ %5 ئاشقانلىقى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا دوكلات قىلىنغان جىنايەتلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %6 ئازايغانلىقى قەيت قىلىندى.

2020-يىلى 21 مىڭ 500 دىن ئارتۇق قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ساننىڭ 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قاتىللىق سانى بىلەن قايتىدىن تەڭلىشىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يىللىق جىنايەت ئىستاتىستىكا دوكلاتى، ئامېرىكادا سادىر قىلىنغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئەڭ تەپسىلىي ۋە رەسمىي خاتىرىسى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ بۇ دۆلەتتە سادىر قىلىنغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىكەن.

يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتقا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنمىغاچقا، 2020-يىللىق دوكلاتنىڭ ئامېرىكادىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تەخمىنەن %85 نىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەييارلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر