ئافغانىستاندىكى تالىبانغا قارشى كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرىنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى

ئافغانىستاندىكى تالىبانغا قارشى نۇرغۇن كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈشنى ياكى ئادرېسنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىشنى باشلىدى.

1711741
ئافغانىستاندىكى تالىبانغا قارشى كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرىنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — فيېسبۇك ئافغانىستاندىكى ئابۇنېتلىرى ئۈچۈن ئادرېسلىرىنى قۇلۇپلاش، مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى رەت قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئىلاۋە قىلىپ بەردى.

تالىبان ئۆتكەن ئاي ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن ئىلگىرى دۆلەت مىقياسىدىكى نۇرغۇن ئۆكتىچى ئىجتىمائىي تاراتقۇنى تالىبانغا قارشى ئاكتىپ ئىشلەتكەنىدى.

تالىبان ئىلگىرى ئۆزلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ياكى ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ بىر پارچىسى بولغان بارلىق كىشىلەرنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، دۆلەتتىن قېچىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى كەچۈرۈم ئېلانىغا ئىشەنمەيدىكەن.

بېرىلگەن ۋەدىلەرگە قارىماي، تالىبان جەڭچىلىرىنىڭ پايتەخت كابۇل قولغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن پۇقرالارنى قەتل قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغانىدى.

ئۆتكەن ھەپتە تالىبان مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ياقۇب ئاۋازلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، تالىبان جەڭچىلىرىنىڭ پۇقرالارنى ئىنتىقام ئېلىش مەقسەتلىك ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا بەزى دوكلاتلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر