ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلدى

ئەنگلىيەدە ئىشچىلار پارتىيەسى ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپنى تەستىقلىدى.

1711328
ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى ئورۇندىكى ئىشچىلار پارتىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. قارار ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولۇۋاتقان قورال-ياراغ سودىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

قاراردا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئەيىبلىنىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىشغال ۋە غەززە مۇھاسىرىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى، شۇنداقلا، ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىدىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلار بىلەن بولغان سودىنىڭ توختىتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قارار ئىشچىلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر