شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ «باللىستىك» بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1711311
شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بومبا ياپونىيە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەن.

خەۋەردە، ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىخىدېنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا قارىتا تەييارلىق كۆرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىغا ئاساسەن  بەرگەن خەۋرىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ «نامەلۇم» بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا قويۇپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، شىمالىي كورېيەنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا چۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر