مىندۇللې دېڭىز بورىنى ياپونىيەگە قاراپ ئىلگىرىلمەكتە
تىنچ ئوكياندا پەيدا بولۇپ سالمىقىنى بارغانچە ئاشۇرغان ھالدا ئىلگىرلەشنى داۋاملاشتۇرغان مىندۇللې دېڭىز بورىنىنىڭ ياپونىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، فىلىپپىن دېڭىزىدا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئوكىنوتورى-شىما ئارىلىغا يۈزلەنگەن مىندۇللې دېڭىز بورىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، سائىتىگە 180 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان دېڭىز بورىنى ھاسىل قىلىدىغان 6 مېتىر بىلەن 8 مېتىر ئېگىزلىكىدىكى دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىغا سوقۇلۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
ئاراللار رايونىغا ئىككى كۈن بويىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان بوراننىڭ، ئارقىدىن شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پايتەخت توكيوغا قاراشلىق ئىزۇ ئاراللىرىغا يېقىنلىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىندۇللې دېڭىز بورىنى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا كۈچلۈك شامال، يۇقىرى دولقۇن ۋە شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلىدىكەن.