گىرېتسىيە فىرانسىيەدىن ئۈچ قوغدىغۇچى پاراخوت سېتىۋالىدۇ

گىرېتسىيە فرانسىيەدىن ئۈچ يېڭى قوغدىغۇچى پاراخوت سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1711643
گىرېتسىيە فىرانسىيەدىن ئۈچ قوغدىغۇچى پاراخوت سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ: «بۈگۈن گىرېتسىيە بىلەن فىرانسىيە ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن. بۈگۈن بىز پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن ئىككى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېدى ۋە دۆلىتىنىڭ فرانسىيەدىن ئۈچ يېڭى قوغدىغۇچى پاراخوت سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى قوشۇمچە بىر پاراخوتنىڭ ئىختىيارىي ھالدا بۇ كېلىشىمگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئەنگلىيەنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، گىرېتسىيەنىڭ بۇ قوغدىغۇچى پاراخوتلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن فىرانسىيەگە تەخمىنەن ئۈچ مىليارد ياۋرو تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر