ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا چۈشۈپ كەتكەن كىچىك ئايروپىلاندا 3 كىشى قازا قىلدى.

1710971
ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، يەككە ماتورلۇق «Beechcraft C23» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ فايېتتېۋىلدىكى ئايرودورۇمدىن ئۇچۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىشتات ساقچىسى ر. ئا. مادى ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنىڭ چارلېستوننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 80 كىلومىتىر كېلىدىغان لەنسىڭ يېزىلىرىدىن تېپىلغانلىقىنى، ئايروپىلاندىكى ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھادىسە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر