پېسكوۋ ئەردوغان - پۇتىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرىمېل باياناتچىسى دىمىتري پېسكوۋ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بەردى.

1711192
پېسكوۋ ئەردوغان - پۇتىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرىمېل باياناتچىسى دىمىتري پېسكوۋ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى دىمىتري پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 29 – سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئىككى رەھبەرنىڭ ھەردائىم سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرى بار. بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە ئەلۋەتتە ئافغانىستان كۈنتەرتىپلىرىدە بولىدۇ. لىۋىيە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەنئەنىۋى شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇناىسۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پېسكوۋ: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن نۇرغۇن ئورتاق نۇقتا بار؛ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئورتاق تۈرلەرگە ئالاقىدار خىزمەتلەر، سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر