ئامېرىكا ئافغانىستانغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ئىجازەتنامە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى ئافغانىستان خەلقىگە داۋاملىق ياردەم بېرىش ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا دائىر  باشقا پائالىيەتلەرنى قوللاش توغرۇلۇق ئىجازەتنامە ئېلان قىلدى.

1710403
ئامېرىكا ئافغانىستانغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ئىجازەتنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چەت ئەللىكلەرنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى قوغداش ئىشخانىسى (OFAC) تەرىپىدىن بۇ ھەقتە 2 ئىجازەتنامە ئېلان قىلىنغانلىقى، بۇ ئىجازەتنامىلەرنىڭ،  ئافغانىستان خەلقىگە داۋاملىق ياردەم بېرىش ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە ئىجازەت بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى، تالىبان ۋە باشقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مال-مۈلۈكلىرىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئافغانىستاندىكى پۇقرالارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىشىنى قەتئىي چەكلىمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر