گىرېتسىيە باش مىنىستىرى: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىمەن

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدا  پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1710392
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى دائىرىسىدە  قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇدا بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈركىلىش ھەققىدە توختىلىپ، گىرېتسىيەنىڭ، تۈركىيە بىلەن دىيالوگ قاناللىرىنى ھەمىشە ئوچۇق تۇتۇش تەرەپدارى بولۇپ كەنگەنلىكىنى، 2020 – يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشنىڭ تەكرارلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يېڭى ئورتاق دۈشمەنلەرگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىچوتاكىس، تۈركىيە بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغانلىقلىرىنى، دەرۋەقە، تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدا  پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، داۋاملىق ئىزدىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر