ئۇكرائىنا 96 ئادەمنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇردى
ئۇكرائىنا ئۆزى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 ئادەمنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇردى.
1710012
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ باشقا دۆلەت پۇقرالىرى ۋە ئۆز پۇقرالىرىغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باياناتتا، 96 ئادەم ئولتۇرغان تارقاقلاشتۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ كىيېۋدىكى بورىسپول ئايرودرومىغا قونغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى ئاندىرىرىي يەرماق، 28-ئاۋغۇستتىن بۇيان ئافغانىستاندىن جەمئىي 600 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
10:32
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.