گۇتېرېش : 3   مىليارد كىشى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالمايۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش  دۇنيا مىقياسىدا 3 مىليارد كىشىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1710154
گۇتېرېش : 3   مىليارد كىشى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالمايۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يېمەك – ئىچمەك سىستېمىسى باشلىقلار يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، ھەر كۈنى مىليونلارچە كىشىنىڭ ئاچ ئۇخلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا مىقياسىدا 3 مىليارد كىشى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالمايۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى ئىسراپ قىلىنىۋاتىدۇ، ئىنسانيەت دۇنياسى تەبىئەتكە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ مەھسۇلاتلار ۋە زەنجىرسىمان يېمەك – ئىچمەكلەرگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بارلىق پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يېمەك - ئىچمەك سىستېمىسى  كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ% 80 ىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە يېمەك - ئىچمەك سىستېمىسى سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەرشارىنى قوغدايدىغان يېمەك - ئىچمەك سىستېمىسىغا ئېھتىياج باردۇر، مۇھىتىمىزنى قوغداش بىلەن بىللە، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان يەر شارى نوپۇسىنى بېقىش مۇمكىن، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىن بېلىقچىلىققىچە، تەبىئىي بايلىقلارنى ئەقلىي ۋە سىجىل باشقۇرۇش كېرەك، يېمەك - ئىچمەك سىستېمىلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر