بوررېل: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن تۇراقلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ تۇراقلىق ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1710093
بوررېل: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن تۇراقلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالىي ۋەكىلنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئەسناسىدا كۆرۈشكەنلىكى، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بوررېلنىڭ پۇتىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ تۇراقلىق ۋە مۆلچەرگىلى بولىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا بولۇپمۇ  ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى قىلىش، سىبەر خەۋپ، يالغان ئۇچۇر ۋە باشقا خەۋپلەرگە ئالاقىدار چۈشىنىشمەسلىكلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە، ئافغانىستان، لىۋىيە، مالى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر