ياۋروپا مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

1709751
ياۋروپا مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بوررېل بىلەن بلىنكېننىڭ ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئاۋسترالىيەنىڭ فىرانسىيە بىلەن تۈزگەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرى كېلىشىمىنى بىكار قىلىشى بىلەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا «ئائۇكۇس» دېگەن نامدا خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى «كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىق» تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى مەزكۇر باياناتتا: «بوررېل بىلەن بلىنكېن ھىند – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ناتونى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى تىلغا ئېلىندى. بۇ دائىرىدە بوررېل، خەۋپسىزلىك  ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە كەڭ دائىرىلىك قۇرۇلمىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا بولغان ئېھتىياجنى ئەسلىتىپ ئۆتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جوسېپ بوررېل، ئافغانىستان ۋە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا باشلانغان سۆھبەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر