ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىق سىگنالى بەردى

ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش سىگنالى بەردى.

1709722
ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىق سىگنالى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكالىق ۋە جەنۇبىي كورېيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن «شىمالىي كورېيە» مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتى.

ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشتا، ياپونىيە باش ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، جەنۇبىي كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چۇڭ ئۇي يۇڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنىڭ ئىجرا  قىلىنىپ، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئوچۇق بۆلۈمىدە سۆز قىلغان موتېگى، مىنىستىرلار دەرىجىلىك بۇ ئۇچرىشىشنى، «ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرى ياپونىيە، رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت سالماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ، «كورېىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇلۇشى» مەسىلىسىدە ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىققا قارىتا ئەھدىلىرىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ماي ئېيىدا، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا چاقىرىلغان 7 – گ گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى دائىرىسىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى  يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئۈچ مىنىستىر، يەنە، ئاسىيا رايونى «بىرما، خىتاي مەسىلىلىرى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر