ئامېرىكا ئاراكانلىقلارغا 180 مىليون دوللار ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاراكانلىقلارغا يەنە 180 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1709583
ئامېرىكا ئاراكانلىقلارغا 180 مىليون دوللار ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گرىنفېلد، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى دائىرىسىدە، ئاراكانلىقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر تور يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئاراكانلىقلارنىڭ بىرمادا ئۇزۇن يىللار تەن جازاسى، باسقۇنچىلىق ۋە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىغا دۇچار بولغانلىقىنى، بىرمادا فېۋرال ئېيدا يۈز بەرگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئاراكانلىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، 900 مىڭ ئاراكانلىقنىڭ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئاراكانلىقلارنىڭ ئەھۋالىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  گرىنفېلد، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  ئاراكانلىقلارغا يەنە 180 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بۇ ياردەمنىڭ 158 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ باڭلادېشتىكى ئاراكانلىقلارغا ياردەم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2017 – يىلى، 25 – ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ۋە باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، لاگېرلاردىكى مۇساپىلارنىڭ يېرىمىنى بالىلار تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر