لاۋروۋ: يىگىتلەر، تەلىيىڭلارنى سىناپ يۈرمەڭلار، رۇسىيە ناتوغا كىرمەيدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

1709660
لاۋروۋ: يىگىتلەر، تەلىيىڭلارنى سىناپ يۈرمەڭلار، رۇسىيە ناتوغا كىرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «يىگىتلەر، تەلىيىڭلارنى سىناپ يۈرمەڭلار، رۇسىيە ناتوغا كىرمەيدۇ» دېدى.

76 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە بارغان سېرگېي لاۋروۋ، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

سېرگېي لاۋروۋ ئىككى رەھبەرنىڭ يېپىق يىغىنىدىن ئىلگىرى سۈرەتكە تارتىۋاتقان ژۇرنالىستلارنىڭ قېشىغا كېلىپ: «يىگىتلەر، تەلىيىڭلارنى سىناپ يۈرمەڭلار، رۇسىيە ناتوغا كىرمەيدۇ» دەپ چاقچاق قىلدى.

لاۋروۋنىڭ بۇ سۆزلىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدىمۇ ھەمبەھرىلەندى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتقا قارىغاندا، يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيە -شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر