نامبىيەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۆلىمى» كېلىشىمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

نامبىيەدە گېرمانىيە بىلەن تۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۆلىمى» كېلىشىمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن سىياسىيونلار بىلەن قەبىلە باشلىقلىرى پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىردى.

1708963
نامبىيەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۆلىمى» كېلىشىمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامبىيەدە چىقىدىغان «‹سۇن› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە 1 مىليارد 100 مىليون ياۋرولۇق تەرەققىيات ياردىمىنى يېتەرلىك دەپ قارىمىغان نامايىشچىلار، ئۆزلىرىگە مەسلىھەت سېلىنماي ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە قاتتىق نارازلىق بىلدۈرگەن.

پايتەخت ۋىندخوكقا يىغىلغان يۈزلىگەن نامايىشچىلار، يۈرۈشتىن كېيىن پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، دۆلىتىنىڭ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھېرېرو ۋە ناما خەلقلىرىگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايى قىلمىشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەمدە بۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە 30 يىل ئىچىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قۇربانلىرىنىڭ نەۋرىلىرىنى قوللاش ئۈچۈن  1 مىليارد 100 مىليون ياۋرولۇق مەبلەغ ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«نامبىيە قىرغىنچىلىقى»، مۇستەملىكىچى گېرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن 1904-يىلدىن 1908-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەرلىك ھېرېرو ۋە ناما خەلقلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان.

مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تىركەشكەن خەلقلەر نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا، كەم دېگەندە 65 مىڭ ھېرورو ۋە 10 مىڭ ناما ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نەتىجىسىدە، ھېرورولار نوپۇسىنىڭ كەم دېگەندە 70% ى، نامالار نوپۇسىنىڭ كەم دېگەندە% 50 ى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر