سۇداندا بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى

سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا بەزى ھەربىي ئاپتوموبىللارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1708537
سۇداندا بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ۋە رادىيولىرى تارقىتىشلىرىنى توختىتىپ چاقماق خەۋەر ئېلان قىلىپ، خەلقنى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

رەسمىي دائىرىلەر، پايتەختنىڭ ئۇمدۇرمان رايونىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ بەزى ھەربىي ئاپتوموبىللارنى قولغا كىرگۈزۈپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلفەقى سۇلايمان فەيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقنى دۆلەتنى، سىياسىي مۇساپىگە قەدەم قويۇش جەريانىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

ھەربىي ئۆزگىرىش  قوزغاشقا ئۇرۇنغان 40 ئەسكەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر