گۇتېررېس تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس: «قوغداشقا موھتاج مۇساپىرلارنى قوللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە (تۈركىيەگە) چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

1708414
گۇتېررېس تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىيو گۇتېررېس نيۇ-يوركتىكى تۈركىيەنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكالەتخانىسى  بىلەن نيۇيورك كونسۇلخانىسى جايلىشىدىغان يېڭى تۈركئەۋى (تۈرك ئۆيى) بىناسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى  ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن تۈركىيە ۋە تۈرك جەمئىيىتىنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان غايەت زور كەڭ قورساقلىقىغا شەخسەن ھەيرانمەن... قوغداشقا موھتاج مۇساپىرلارنى قوللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن  سىلەرگە (تۈركىيەگە) چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گۇتېررېس ئۇرۇشلار، زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاچقانلار سانىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «مەن تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى بىلەن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ھەمكارلىق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرى بولغان مۇرەسسە قىلغۇچى دوستلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق رەئىسلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈزلۈكسىز قوللىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، تۈركىيە بىلەن ئورنىتىلغان يېقىن ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

گۇتېررېس ئېچىلىشتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى؛ يىغىن جەريانىدا سۈرىيە، لىۋىيە، ئافغانىستان ۋە قىبرىس مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر