باش مىنىستىر نامزاتى: سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسام تۈركىيە - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن

گېرمانىيە باش مىنىستىر نامزاتى لاسچېت تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1708694
باش مىنىستىر نامزاتى: سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسام تۈركىيە - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە 26 – سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامدا خىرىستىيان بىرلەشمە (CDU / CSU) پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى بولغان ئارمىن لاسچېت ئەگەر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ياخشىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيىسى (CDU) نىڭ رەئىسى بولغان لاسچېت ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداقلا نۇرغۇن ساھەلەردە ياۋروپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى جەھەتتىن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىر تۈركىيە دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن باش مىنىستىر بولغاندا مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم» دېدى.

لاسچېت كۆچمەنلەرنىڭ بولۇپمۇ تۈرك كۆچمەنلەرنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنى گېرمانىيە خەلقىنىڭمۇ كۆرۈشىنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئىشلىتىش، ئايرىمچىلىقنى ئازايتىش ۋە كۆپ خىللىقنى ساقلاپ قېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

 26  - سىنتەبىردە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامدا ئانگېلا مېركېلنىڭ 16 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر