رۇسىيەنىڭ پېرم ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى

رۇسىيەنىڭ پېرم ئۇنىۋېرسىتېتى بىناسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 5 كىشى قازا قىلدى.

1707998
رۇسىيەنىڭ پېرم ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى قوراللىق ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىۋېرسىتېت ئاخبارات مۇلازىمىتى ئىشخانىسى بولسا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىغا سولانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان سىنلاردا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېرىزىلەردىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر