نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە 5 – سېنتەبىردە گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان 21 ئوقۇغۇچىنىڭ ئون نەپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1708105
نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، گۆرۈدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن فىدىيە تۆلەنگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، فىدىيە تۆلەنگەندىن كېيىن 10 ئوقۇغۇچى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، قالغان 11 ئوقۇغۇچى ھېلىھەم گۆرۈگە ئېلىۋالغان قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ قولىدا ئىكەن.

قويۇپ بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قوراللىق كىشىلەر 5 – سېنتەبىردە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن فىدىيە (تۆلەم) تەلەپ قىلغانىدى.

نىگېرىيەدە ئۆتكەن يىلى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان 1400 ئوقۇغۇچىدىن ھازىرغىچە 200 گە يېقىنى قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر