مۇجاھىد: ئامېرىكانىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1708236
مۇجاھىد: ئامېرىكانىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئامېرىكانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ 29 – ئاۋغۇستتا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى بىر ئاپتوموبىلنى توپقا تۇتۇپ، بىر ئائىلىدىن يەتتە نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 10 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا خىتاي تاراتقۇسىغا بايانات بەردى.

ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن مۇجاھىد، 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا سادىر قىلغان بىردىنبىر ۋەقە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «(ئامېرىكا) ئافغانىستاندا 20 يىلدىن بېرى پۇقرالارنى شېھىت قىلماقتا» دېدى.

ۋەقەگە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش دەپ باھا بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇجاھىد، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرۋاسىزلىقلارنىڭ ئىنسانىي پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكانىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك ۋە ئادەم ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى بىلەن دۆلەت ئۈستىدىكى بېسىمنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستان خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر