لۇك كوفېي: تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز ۋە ئافغانىستاندىكى تەسىرى كۈچەيمەكتە

دوگلاس ۋە سارا ئاللىسون تاشقى سىياسەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئامېرىكالىق سىياسەتشۇناس لۇك كوفېي، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز ۋە ئافغانىستاندىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1707962
لۇك كوفېي: تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز ۋە ئافغانىستاندىكى تەسىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇك كوفېي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە چاقىرىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يىغىنىدا سۆز  قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز ۋە ئافغانىستاندىكى تەسىرىنىڭ يېقىنقى بەش – ئالتە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلەردىكى چېگىشلىكلەرگە قارىماي، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى، ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بىر نۇقتىغا جەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆزئارا يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغان مەسىلىلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ: «ئافغانىستانغا كەلسەك، تۈركىيە ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى ئاز رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؛ تالىبانلار ئالدىدا ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوللىشى ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا ئازراق رول ئوينىشى مۇمكىن. گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تارقىتىشقا توغرا كەلسە، تۈركىيە تالىبانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىن. چۈنكى — مېنىڭچە — ھەر قايسى تەرەپلەر تۈركىيەنى ئافغانىستاندىكى تەرەپسىز مۇرەسسەچى دەپ قارايدۇ. مەيلى تالىباننى قوللاڭ، مەيلى قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوللاڭ ياكى ھەقىقەتەن ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كويىدىكى بىرى بولۇڭ، مېنىڭچە تۈركىيە ۋە تۈرك بايرىقى بىتەرەپلىككە سىمۋوللۇق قىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ بىر بىتەرەپ ۋاسىتىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم  ئامېرىكا ھەمدە ئافغانىستان خەلقىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر