قاتارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئايروپىلانى كابۇلدا

قاتارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 6 – ئايروپىلانى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا يېتىپ باردى.

1707565
قاتارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئايروپىلانى كابۇلدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (QNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار خەير-ساخاۋەت ئورگىنى قاتار تەرەققىيات فوندى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەۋەتكەن 20 توننا يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئايروپىلان، ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغان. 

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش خىزمىتى باشلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قاتارنىڭ ھازىرغىچە ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى 138 توننىغا يەتكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى 31 – ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن، ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر