بايدىن قىزىل كېسىلىنى «كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئافغانىستاندىن ئامېرىكاغا كالتۈرۈلگەن بەزى ئافغانلاردا كۆرۈلگەن قىزىل كېسىلىنى «كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

1707568
بايدىن قىزىل كېسىلىنى «كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن  ئىمزالىغان بۇ قارارنامىگە ئاساسەن، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقى، زۆرۈر تېپىلغاندا ، قىزىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان، ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان كىشىلەرنى كارانتىن ئاستىغا ئالالايدۇ.

ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كەم دېگەندە 7 كىشىنىڭ قىزىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مۇساپىرلارنى توشۇيدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى توڭلىتىپ قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر