شاھزادە فىلىپنىڭ ۋەسىياتنامەسى 99 يىللىق پېچەتلەندى

ئەنگلىيە ئالىي سوتى ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ يولدىشى فىلىپنىڭ ۋەسىياتنامەسىنىڭ خان جەمەتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 90 يىل مەخپىي تۇتۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلدى.

1707229
شاھزادە فىلىپنىڭ ۋەسىياتنامەسى 99 يىللىق پېچەتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتچى ئانجىرۇ مېك فالىن (Andrew McFarlane) شاھزادە فىلىپنىڭ ۋەسىيەتنامەسىنىڭ مۆھۈرلىنىشى، كۆپەيتىلمەسلىكى ۋە سوت مەھكىمىسىدە ساقلانماسلىقى كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يەنە، شاھزادە فىلىپنىڭ مىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە، ۋەسىيەتنامە تەستىقىدىن ئورۇن بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىگىمۇ ھۆكۈم قىلدى.

ئۇ ۋەسىيەتنامەنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 90 يىل ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ۋاقىتنىڭ «مۇۋاپىق ۋە يېتەرلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئايال پادىشاھ، ئائىلىسى ۋە يېقىن ئەزالىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن سانى چەكلىك كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغىچە چېتىلىدىغان قوغداشنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىقمىز» دېدى.

پادىشاھ 5-جورجنىڭ ئايالى مارىنىڭ ئىنىسى شاھزادە فرانسىس، ئەنگلىيەدە ۋەسىيىتى مەخپىي تۇتۇلغان تۇنجى خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ ئانىسى ئېلىزابېت ۋە سىڭلىسى مەلىكە مارگېرتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭمۇ ۋەسىيەتنامەلىرى مۆھۈرلەنگەن ئىدى.

شاھزادە فىلىپ 2021-يىلى ئىيۇندا 99 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر