خىتاي ئاۋكېس كېلىشىمنى ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋستىرالىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە كانبېررانىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەمچى بولىدىغان يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنى ئەيىبلىدى.

1707144
خىتاي ئاۋكېس كېلىشىمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋستىرالىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان خەۋپسىزلىك شېرىكلىك «ئاۋكېس كېلىشىمى» (Aukus) نى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى جاۋ فامىلىلىك يېڭى خەۋپسىزلىك شېرىكلىكنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئاۋكېس رايوننىڭ تىنچلىقىغا ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ، قوراللىنىش رىقابىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ۋە خەلقئارادا يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان بېرىدۇ» دېدى.

جاۋ فامىلىلىك خەۋپسىزلىك شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئېكسپورتىنى گېئوپولىتىك ئويۇنلار ئۈچۈن ۋاستە قىلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون (Scott Morrison) ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئۈچ دۆلەت ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىدىكى قىسقارتىلىشى بولغان «ئاۋكېس» ناملىق يېڭى خەۋپسىزلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتابنامىدە، ئاۋستىرالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئىگە بولالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامىدە يەنە، ئاۋستىرالىيە ئىگە بولىدىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلارنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا مۇقىملىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەتلىرى بىلەن مەنپەئەتلىرىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر دۆلەتلەر كېلىشىمنى، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا زورىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا قارشى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ «خ م س خانىش ئېلىزابېت» (HMS Queen Elizabeth) ناملىق ئاۋىياماتكاسى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر