ياپونىيە شىمالىي كورېيە بومبىلىرى چۈشكەن جاينى ئېلان قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى نوتو يېرىم ئارىلىدىكى ياپونىيە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1706826
ياپونىيە شىمالىي كورېيە بومبىلىرى چۈشكەن جاينى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى — NHK، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ چۈشۈش نۇقتىسى توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى مۆلچەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

يېڭى ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ غەربتىكى ئىشىكاۋا ئۆلكىسىنىڭ نوتو يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى خېگۇراجىما ئارىلىنىڭ 300 كىلومېتىر شىمالىغا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تەخمەن 750 كىلومېتىر يىراقلىققا بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ 50 كىلومېتىر ئېگىزلىك ۋە «تەرتىپسىز يۆنىلىنىش» بويىچە ئىلگىرىلەپ ياپونىيە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ياپونىيە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ياپونىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى — NHK، ياپونىيە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەۋەلىكىگە چۈشكەن شىمالىي كورېيە باللستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2019 – يىلى ئۆكتەبىردە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش ۋەزىر سۇگا يوشىئىدې سىناق ھەققىدە توختىلىپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ياپونىيە ۋە رايوننىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمەكتە» دېگەنىدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە دىپلوماتلىرىنىڭ 14 – سېنتەبىر توكيودا ئۆتكۈزگەن «شىمالىي كورېيە» تېمىلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن كېيىنگە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا 1500 كىلومېتىر مۇساپىلىك يېڭى ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر